ئەيدىز كىسىلى توغۇرسىدا قىسقىچە چۈشەنچە
مەمەت ئېمىن
كىرىش سۆز
ئەيدىز كېسىلى AIDS)) 80 - يىللارنىڭ
بېشىدا ئامېرىكىدا تۇنجى قېتىم بايقالغان يۇقۇملۇق كېسەللىك بولۇپ، ئاساسلىقى
جىنسىي مۇناسىۋەت، بالا تۇغۇش، بالا ئىمىتىش، بۇلغانغان قان ۋە بۇلغانغان ئوكۇل
ئارقىلىق ئىنسانلار ئارىسىدا ئۆز ئارا يۇقىدۇ. بۇ كېسەلنىڭ "قورقۇنچلۇق
ئالۋاستى"، "دەرىجىدىن تاشقىرى قاتىل" دېگەن ناملىرى بار بولۇپ، ھازىر گەرچە داۋالاش
جەھەتتە كۆپ ئىلگىرلەشلەر بولغان بولسىمۇ، بىراق يەنىلا ئۈزۈل كىسىل داۋالاپ
ساقايتىش قىيىن بولغان يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرنىڭ بىرى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئىنسانلارنىڭ ئەيدىز كىسىلىگە بولغان
تونۇشىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ، بۇ كىسەلنىڭ كەڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن، ھەر
يىلى 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنىنى "دۇنيا ئەيدىز كۈنى" دەپ بىكەتكەن ۋە بۇ
جەھەتتە كەڭ كۆلەملىك تەشۋىقاتلارنى ئىلىپ بارغان، نەتىجىدە پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا
ئەيدىز كىسىلىنىڭ كۆپىيىش تىزلىگى كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاستىلىغان، بىراق خەۋەرلەرگە
ئاسالانغاندا ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى تارقىلىش ئەۋالى يەنىلا ئىغىر
ئكەن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مەن ئەيدىز كىسىلى توغۇرسىدىكى بۇ ساۋاتنى يىزىپ ھەرقايسىڭلارنىڭ
دىقىتىگە سۇندۇم.
خەلقىمىزنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن، بارلىق دوستلارنىڭ بۇ ساۋاتنى كەڭ
كۆلەمدە تارقىتىپ، تەشۋىق قىلىپ قويىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
ئەيدىز كىسىلى دىگەن قاندا كىسەل؟
ئەيدىز كىسىلى (AIDS) دىگىنىمىز ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى (HIV)
بىلەن يۇقۇملىنىشى سەۋەبىدىن بەدەننىڭ
كىسەللىككە قارشى تۇرىدىغان ئىمىنۇت كۈچى ئىغىر دەرىجىدە زەخمىگە ئۇچۇراپ پەيدا
بولغان ھەر خىل كىسەللىكلەر توپلىمىدۇر.
ئادەم ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن تەخمىنەن 1
يىلدىن 12 يىلغىچە بولغان مەزگىلنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن ئەيدىز
كېسىلىگە تەرەققىي قىلىدۇ، بۇ مەزگىل ئەيدىز كېسىلىنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى دەپ
ئاتىلىدۇ. ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ، تېخى ئەيدىز كېسىلىگە تەرەققىي
قىلمىغان ئۇ كىشىلەر ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر ياكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار دەپ ئاتىلىدۇ. ئادەتتە ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېلىپ
يۈرگۈچىلەر ياكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلاردا ئالاھىدە كېسەل ئالامىتى
بولمايدۇ، بىراق باشقىلارغا يۇقتۇرۇشنىڭ ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقۇرى بولىدۇ.
ئادەم بەدىنى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كىيىن، ئىگەر
ۋاختىدا ئۈنۈملۈك داۋالش ئىلىپ بارمىسا، بەدەنەە كىرگەن ۋىرۇس بىر تەرەپتىن كۆپىيىپ،
يەنە بىر تەرەپتىن بەدەننىڭ كىسەللىككە قارشى تۇرۇش .ىمىيۇنۇت كۈچىنى ۋايران قىلىۋىتىدۇ.
نەتىجىدە ئادەم ھەر خىل كىسەللىكەرگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ، ۋە مۇناسىۋەتلىك
كىسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. بۇ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ
رەسمى ئەيدىز كىسىلى باشقۇچىغا كىرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ئادەم ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن ئۈنۈملۈك داۋالاش
ئىلىپ بارمىسا ئەڭ كۆپ بولغاندا 2 يىلدىن 5 يىلغىچە ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ. بىر قىسىم
كىشىلەر بولسا تېخىمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن. ئەيدىز كىسىلىگە گىرىپتار بولغانلاردا كۆپ
كۆرۈلىدىغان كىسەللىكلەرنىڭ كۆپۈنچىسى گەرچە ئادەتتە كۆپ ئۇچىرادىغان كىسەللىكلەر
بولسىمۇ، بىراق شۇ خىلدىكى كىسەللىكلەرنى داۋالاش ئۇسۇلى بىلەن كونتۇرل قىلغىلى
بولمايدۇ.
AIDS
دېگەن سۆز ئىنگىلىزچىدىكى
دېگەن
سۆزنىڭ بىرىنجى ھەرپلىرىدىن تۈزۈلگەن سۆز بولۇپ، "ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممونىتېت
كۈچى زەخمىنىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كېسەللىكلەر توپلىمى" دېگەن مەنانى
بىلدۈرىدۇ. ئەيدىز كىسىلى بولسا ئۆپكە ياللۇغى، جىگەر راكى دىگەنگە ئوخشاش
كونكىرىت بىر كىسەل بولماستىن، ئۇ ئادەم بەدىنىنىڭ كىسەلگە قارشى ئىمىيۇنۇت كۈچى
ئاجىزلاپ كەتكەنلىك سەبىدىن كىلىپ چىققان ھەر خىل كىسەللىكلەر توپلىمى.
HIV
دېگەن سۆز بولسا ئىنگىلىزچىدىكى
دېگەن سۆزنىڭ بىرىنجى ھەرپلىرىدىن تۈزۈلگەن
سۆز بولۇپ، "ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممونىتېت كۈچىنى زەخمىلەندۇرگۇچ ۋىرۇسى" دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ.
HIV
ۋىرۇسى ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى دۆلەتلەردە ياشايدىغان بىر خىل ئادەمسىمان
مايمۇننىڭ بەدىنىدە نورمال ياشاۋاتقانلىقىغا بىرنەچچە مىڭ يىل بولغان بولىشى
مۈمكىن بولۇپ، بۇ خىل ھايۋان بەدىنىدە كېسەل پەيدا قىلمايدۇ.
ئادەم بەدىنى HIV بىلەن يۇقۇملىنىپ، 1 ~ 12 يىللىق يوشۇرۇن
مەزگىلنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن ئەيدىز كېسىلى (AIDS) گە تەرەققىي قىلىدۇ. يەنى HIV بولسا ئەيدىز كېسىلى (AIDS) نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر خىل ۋىرۇس، يەنى ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى.
ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى ئاساسلىقى قانداق يوللار ئارقىلىق كىشىلەر ئارىسىدا
تارقايدۇ؟
ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى ئاساسلىقى قان، جىنسىي سۇيۇقلۇق ۋە بالا تۇغۇش ۋە ئىمىتىش ئارقىلىق ئانىدىن
بالىغا يۇقۇشتىن ئىبارەت 3 خىل يول ئارقىلىق
كىشىلەر ئارىسىدا تارقايدۇ.
بەدەندىكى قايسى سۇيۇقلۇقلاردا ئەيدىز ۋىرۇسى بولىدۇ؟
قاندا، جىنسى سۇيۇقلۇقتا (ئەرلەرنىڭ مەنىيسىدە، ئاياللارنىڭ جىنسىي
ئەزا سۇيۇقلۇقىدا) ۋە ئاپا سۈتىدە ئەيدىز
كېسىلى ۋىرۇسى بولىدۇ. تەردە، ئېغىز سۇيۇقلۇقى ياكى شۆلگەيدە، چوڭ كىچىك تەرەتتە،
كۆز يېشىدا ئادەتتە ئەيدىز كىزىلى ۋىرۇسى بولمايدۇ.
قانداق كىشىلەرنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىمالى يۇقىرى
بولىدۇ؟
1. زەھەرلىك چېكىملىكنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇشقا ئادەتلەنگەن كىشىلەر، بولۇپمۇ
ئوكۇل ئۇرۇشتا بىر يىڭنىنى ئورتاق ئىشلەتكەن ياكى كۆپ قېتىم قايتا- قايتا
ئىشلەتكەن كىشىلەر؛
2. كۆپ جىنسىي ھەمراھى بار كىشىلەر ياكى باشقىلار بىلەن قالايمىقان
جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزىدىغان كىشىلەر؛
3. كۆپ قېتىم قان سالدۇرغان ياكى قان ئالغان كىشىلەر؛
4. لاياقەتسىز دوختۇرخانىلاردا ئوكۇل ئۇردۇرغان، ئوپېراتسىيە
قىلدۇرغان ۋە ياكى بەدەننى مەلۇم جەھەتتە زەخمە قىلىدىغان بەزى تەكشۈرۈش ۋە داۋالاش
ئىلىپ بارغان كىشىلەرنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى
بولىدۇ.
ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن دەسلەپتە يۇقۇملانغاندا قانداق ئالامەتلەر
بولىدۇ؟
ئادەم ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن دەسلەپتە يۇقۇملانغاندا، كۆپىنچە
كىشىلەردە كۆپ ئالامەتلەر بولمايدۇ، بەزى كىشىلەردە قىزىش، بېشى ئاغرىش،
ماغدۇرسىزلىنىش، بىئارام بولۇش، ئىشتى تۆۋەنلەش قاتارلىق زۇكامدا بولىدىغان ئالامەتلەر
كۆرۈلىدۇ، بىراق بۇ خىل ئالامەتلەر 2~ 4 ھەپتىلا داۋام قىلىپ يوقاپ كېتىدۇ. ئۇندىن
كېيىنكى بىرنەچچە يىل ئىچىدە ھېچقانداق ئالامەت بولمايدۇ، بۇ ئەيدىز كېسىلىنىڭ
يوشۇرۇن مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ.
ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ ھەممىسى چوقۇم ئەيدىز
كېسىلىگە تەرەققى قىلامدۇ؟
ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى
ئەڭ ئاخىرىدا ئەيدىز كېسىلىگە تەرەققىي قىلىدۇ. ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى ئادەم
بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن ھۈجەيرە ئىچىگە ئورۇنلىشىدۇ ۋە ھۈجەيرە ئىچىدە كۆپىيىپ
قانغا كىرىدۇ. ھازىر بار بولغان ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسىغا قارشى دورىلار قاندىكى
ۋىرۇسنى پۈتۈنلەي ئۆلتۈرۈپ يوق قىلىۋىتەلەيدۇ، بىراق ھۈجەيرە ئىچىدىكى ۋىرۇسنى پۈتۈنلەي
تازىلاپ يوق قىلىۋىتەلمەيدۇ. ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى ھۈجەيرە ئىچىدە ئۆزلۈكسىز
كۆپىيىپ، قانغا چىقىپ تۇرىدۇ. نەتىجىدە داۋالاتقان كىشىلەرنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە
تەررەققىي قىلىشى ئاستا بولىدۇ، ئۆمرى داۋالاتمىغانلارغا نىسبەتەن جىلى ئۇزۇن
بولىدۇ. قىسمەن بالدۇر ئۈنۈملۈك داۋالاش
ئىلىپ بارغان كىشىلەرنىڭ ئەيدىز كىسىلىگە تەرەققى قىلمىغانلىقى مەلۇم.
ئەيدىز كېسىلىنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى ئادەتتە قانچە يىل بولىدۇ؟
ئەيدىز كېسىلىنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى دېگىنىمىز ئادەم بەدىنى ئەيدىز
كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن تۇنجى يۇقۇملىنىپ تا ئەيدىز كېسىلىگە تەرەققى قىلغانغا قەدەر
بولغان ۋاقىت بولۇپ، ئادەتتە 1 يىلدىن 12 يىلغىچە ئوخشاش بولمايدۇ، كۆپىنچە
كىشىلەرنىڭ 3~5 يىل ئارىسىدا بولىدۇ. ئەيدىز كېسىلىنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلىنىڭ ئۇزۇن- قىسقىلىقى،
كىشىلەرنىڭ يېشى، سالامەتلىك ئەھۋالى، ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسىنى قانداق
يۇقتۇرۇۋالغانلىقى، داۋالىتىش ئەھۋالى قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
ئادەتتە ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسىغا يۇقۇملانغاندىن كېيىن ھېچقانداق داۋالاش ئىلىپ
بارمىغان كىشىلەرنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى قىسقا بولىدۇ، ئۆمۈرى قىسقا بولىدۇ. بالدۇر
ئۈنۈملۈك داۋالاش ئىلىپ برغانلارنىڭ ئەيدىز كىسىلىگە تەرەققى قىلىشى ئاستا بولىدۇ.
ئەيدىز كېسىلىنىڭ قانداق ئالامەتلىرى بولىدۇ؟
ئادەم بەدىنى ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ، 1 ~ 12 يىللىق
يوشۇرۇن مەزگىلنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈش جەريانىدا، ۋىرۇس بەدەندە تېزدىن كۆپىيىپ،
ئادەم بەدىنىنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئېغىر دەرىجىدە زەخمىگە ئۇچرىتىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن ئادەم بەدىنى ھەر خىل كېسەللىكلەرگە ئاسان گىرىپتار بولۇپ، ھەر خىل
كېسەللىك ئالامەتلەر كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ، بۇ بىمارنىڭ ئەيدىز كېسىلى باسقۇچىغا
رەسمى قەدەم باسقانلىقى ھېسابلىنىدۇ. ئادەم ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندا،
بەدەننىڭ كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش كۈچىنىڭ تۆۋەنلىشى تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان
ھەرقانداق كېسەلدە بولىدىغان ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى كۆرۈلىدۇ. ئادەتتە كۆپ
ئۇچرايدىغان ئالامەت كونترول قىلىش قىيىن بولغان قىزىش، ئورۇقلاش، تىرە ۋە ئىغىز
بوشلۇق يارىسى، نەمەلۇم ئۆسمە قاتارلىقلار.
ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ھەرقانداق ئادەم چوقۇم ئۆلۈپ
كېتەمدۇ؟
1981- يىلى تېببىي ئالىملار تۇنجى قېتىم ئەيدىز كېسىلىنى بايقىغاندا،
ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كۆپىنچە كېسەللەر بىر- ئىككى يىل ئىچىدە ئۆلۈپ
كەتكەن. ھازىر، ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسىنى كونترول قىلىشتا ۋە ئۇنىڭدىن ئەيدىز
كېسىلىگە تەرەققىي قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا نۇرغۇن يىڭى دورىلار دۇنياغا كەلگەن
بولۇپ، ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان نۇرغۇنلىغان بىمارلار خېلى ئۇزۇن
ياشاۋاتىدۇ. بىراق، ئەيدىز كېسىلى يەنىلا جاننى ئالىدىغان كېسەل ھېسابلىنىدۇ.
ھازىرچە ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئىچىدە ئۈزلۈكسىز ئۈنۈملۈك داۋالاش
ئىلىپ بارغان بىر قىسىم كىشىلەر نۇرغۇن يىل ياشاۋاتىدۇ، بىراق كۆپۈنچە كىشىلەر
ئۈنۈملۈك داۋالاش پۇرسىتىگە ئىگە بولالمىغانلىقى ئۈچۈن 5 يىلگە يەتمىگەن ۋاقىت
ئىچىدە ئۆلۈپ كىتىۋاتىدۇ.
ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن نېمىلەرگە دىققەت
قىلىش كېرەك؟
1. ياشلارغا بولغان تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ زەھەرلىك
چېكىملىككە ئۆگىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىن ئېلىش كېرەك.
2. قان ئېلىش، ئوكۇل ئۇرۇش ۋە تەكشۈرۈشلەردە، ئىمكان بار بىرلا قېتىم
ئىشلىتىدىغان ئەسۋابلارنى ئىشلىتىش كېرەك.
3. ئەر- ئايال بىر- بىرىگە سادىق بولۇشى، ناتونۇش كىشىلەر بىلەن
جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەسلىك، قارشى تەرەپنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان- بولمىغانلىقىنى
بىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئۇلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلماسلىق ياكى جىنسىي
مۇناسىۋەت قىلغاندا ئەڭ ياخشىسى ئۆزىنى قوغداش ۋاسىتىسى قوللىنىش كېرەك.
4. ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىمالى بولغان ئەر- ئايال،
ۋاقتىدا تەكشۈرتۈش كېرەك، ئەگەر ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالسا،
ئەڭ ياخشىسى بالىلىق بولماسلىق كېرەك.
5. ئەگەر ئىمىۋاتقان بالىسى بار ئايالنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار
بولۇش ئېھتىماللىقى بولسا، ياكى ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولسا، بالىسىنى
ئېمىتمەسلىك كېرەك.
زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن ئەيدىز كېسىلىنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟
زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن ئەيدىز كېسىلىنىڭ بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى يوق،
بىراق، زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشكە ئۆگىنىپ قالغانلار، كېيىنچە زەھەرلىك چېكىملىكنى
نەپەس يولى ئارقىلىق ئىستېمال قىلىشتىن تومۇرغا ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇشقا تەرەققىي
قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن ھەمدە زەھەرلىك چېكىملىكنى ئىستېمال قىلغۇچىلار بىر يىڭنىنى
ئورتاق ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى
ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ.
ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئايالنىڭ بالا تۇغۇشى خەتەرلىكمۇ؟
ئەلۋەتتە خەتەرلىك. ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئايال
بالىلىق بولغاندا، يېڭى تۇغۇلغان بالىنىڭ ھەممىسى ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن
يۇقۇملىنىشى ناتايىن، بىراق، ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى
ناھايىتى يۇقۇرى. بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ئېمىتىشنىڭ ئۆزىمۇ خەتەرلىك. ئۇنىڭ
ئۈستىگە بالىنىڭ بالاغەتكە يەتمەيلا يېتىم بولۇپ قېلىش ئېھتىمالى بار، شۇڭا،
ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئايال ئەڭ ياخشىسى بالىلىق بولماسلىق
كېرەك.
ئەيدىز يېتىملىرى دىگەن نىمە؟
ئەيدىز يېتىملىرى دېگىنىمىزدە ئاساسلىقى ئاتا- ئانىسى ئەيدىز كېسىلى
تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كېتىپ يېتىم قالغان بالىلارنى كۆزدە تۇتىدۇ.
قان سېلىش خەتەرلىكمۇ؟
ئەيدىز كېسىلى تارقىلىشقا باشلىغان دەسلەپكى مەزگىلدە، نۇرغۇن
كىشىلەر قان سېلىش ئارقىلىق ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ، ھازىر قان
تەقدىم قىلغۇچىلارغا سىستېمىلىق تەكشۈرۈلىدىغان بولغاچقا، قان سېلىش ئارقىلىق
ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى كۆپ دەرجىدە تۆۋەنلىگەن. شۇنداقتىمۇ
تۆۋەندىكى بىرنەچچە سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يەنىلا مەلۇم دەرىجىدە خەتىرى بار.
1. شارائىتى ناچار رايونلاردا، بولۇپمۇ بەزى تەرەققىي قىلىۋاتقان
دۆلەت ۋە رايونلاردا قان تەقدىم قىلغۇچىلارغا تەلەپ يۇقىرى ئەمەس. ئۇلار
سىستېمىلىق تەكشۈرۈلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان قان
باشقىلارغا سېلىنىپ قىلىشى مۇمكىن.
2. ئەگەر قان تەقدىم قىلغۇچى ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن
يۇقۇملانغىلى 3 ئاي بولمىغان بولسا تەكشۈرۈشتە ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى يالغان ئىنكار
قىلىنىدۇ. بۇنداق كىشىنىڭ قېنىنى قوبۇل قىلغۇچى ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىشى
مۈمكىن.
3. قاننى ئېلىش، بىر تەرەپ قىلىش، توشۇش ۋە كېسەلگە سېلىش جەريانىدا
ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن بۇلغىنىش.
ئەگەر مەكتەپتە بىرەر ئوقۇغۇچى ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن
يۇقۇملانغان بولسا ياكى ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولسا، باشقا بالىلارغا
يۇقامدۇ؟
ياق، يۇقمايدۇ. ئادەتتىكى نورمال ئۇچۇرىشىش، مەيلى ۋاقتى ئۇزۇن ياكى
قىسقا بولسۇن، ئۆزئارا يۇقۇش خەتىرى يوق. بۇ خىلدىكى ئۇچرىشىش بارلىق كوللېكتىپ
تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئەگەر رېستۇراندا تاماق ئەتكۈچى ئاشپەز ياكى كۈتكۈچى ئەيدىز كىسىلى
ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ياكى ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولسا، ئۇ
رېستۇرانتتا تاماق يىگۈچىلەرگە يۇقامدۇ؟
ياق، يۇقمايدۇ. رېستۇراندا تاماق يېيىش ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار
بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرمايدۇ. ھازىرغا قەدەر ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسىنىڭ تاماقتىن
يۇققانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق ئىسپات يوق.
ئەگەر بەدىنىم ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ قېنى
بىلەن بۇلغانسا، مەن چوقۇم ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىمەنمۇ؟
ئەگەر بەدىنىڭىزدە ھېچقانداق زەخمە بولغان جاي بولمىسا، سىز ئادەتتە
ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانمايسىز، بىراق شۇنداقتىمۇ ئېھتىيات قىلىڭ.
چىش چوتكىسى، ساقال ئالغۇچ قاتارلىق شەخسىي بۇيۇملىرىمنى چوقۇم
باشقىلاردىن ئايرىم ئىشلىتىشىم كېرەكمۇ؟
ئەلۋەتتە شۇنداق. بۇ بۇيۇملار قان بىلەن بۇلغىنىشى مۈمكىن. گەرچە بۇ ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسىنى تارقىتىدىغان
مۇھىم ۋاسىتە بولمىسىمۇ، بىراق يەنىلا مەلۇم دەرىجىدە خەتىرى بار.
بىر كىشىنىڭ ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ياكى
يۇقۇملانمىغانلىقىنى قانداق بىلگىلى بولىدۇ؟
بىر كىشىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ياكى
يۇقۇملانمىغانلىقىنى قاندىكى ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسىغا قارشى "ئانتىبودىي"
تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئارقىلىق بىلگىلى بولىدۇ. ئادەم ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن
يۇقۇملانغاندىن كېيىن 3 ئاي ئەتىراپىدا
بەدەندە ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى ئانتىبودىي ئىشلەپ چىقىرىدۇ. ئەگەر مەلۇم كىشىنىڭ
قېنىدىن بۇ خىلدىكى ئانتىبودىي تېپىلسا، بۇ كىشىنى ئەيدىز كېسىلى بىلەن
يۇقۇملىنىپتۇ دەپ ھۆكۈم چىقىرىشقا بولىدۇ. بىراق، ئانىسى ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى
بىلەن يۇقۇملانغان يېڭى تۇغۇلغان بالىغا بۇ ھۆكۈمنى چىقىرىشتا يەنىمۇ ئىلەىرلىگەن
ھالدا تەكشۈرۈش ئىلىپ بىرىشقا توغۇرا كىلىدۇ.
ئۇندىن باشقا يەنە قاندىكى ئەيدىز ئانتىگىنىنى ۋە ئەيدىز ۋىرۇس
سانىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بىر ئادەمنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ۋە ياكى
يۇقۇملانمىغانلىقىنى بىلىش مۈمكىن.
ئەيدىز ۋىرۇسى كۆرۈشۈش ياكى قۇچاقلىشىشتەك ئادەتتىكى ئالاقىلىشىش
ئارقىلىق تارقامدۇ؟
ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى، بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەرنىڭ تۇتۇش،
سىلاش، قۇچاقلاشتەك ئادەتتىكى ئالاقىلىشىش ئارقىلىق تارقىمايدۇ. تەتقىقات نەتىجىسىدىن
مەلۇم بولۇشىچە، ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان قان ۋە جىنسىي بەز
سۇيۇقلۇقى، ئانا سۈتى قاتارلىق بەدەن سۇيۇقلۇقى بىلەن بىۋاسىتە قويۇق ئالاقىلىشىش
ئارقىلىق تارقايدۇ.
ئەيدىز ۋىرۇسى سۆيۈشۈش ئارقىلىق تارقامدۇ؟
تەتقىقات ئارقىلىق ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بەزى
كىشىلەرنىڭ شۆلگەي ياكى ئېغىز سۇيۇقلۇقىدا قىسمەن ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسىنىڭ بارلىقى
بايقالغان بولسىمۇ، بىراق ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسىنىڭ سۆيۈش ئارقىلىق يۇقىدىغانلىقىغا
تېخى تولۇق ئىسپات يوق. شۇنداقتىمۇ كېسەللىكنى كونترول قىلىش مەركىزى كىشىلەرنى
ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنى سۆيگەندە، قاتتىق سۆيۈشۈشتىن
ساقلىنىشقا ئاگاھلاندۇرىدۇ. چۈنكى بۇنداق سۆيگەندە ئېغىزدىن قان چىقىش ئەھۋالى
كېلىپ چىقىپ، ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش خەتىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان كىشى بىلەن بىر ئۆيدە تۇرۇش
بىخەتەرمۇ؟
ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بار ئائىلىلەرنى تەتقىق
قىلىش نەتىجىسىدىن قارىغاندا ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى قاچا- قۇچا، لۆڭگە، كارۋات،
يوتقان- كورپە، ئوبىرنى قاتارلىق ئۆي سەرەمجانلىرىنى بىرگە ئىشلىتىش ئارقىلىق
يۇقمايدۇ. ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ قېنى بىلەن ئۇچرىشىش
خەتەرلىك. شۇڭا ساقال ئالغۇچ، چىش چوتكىسى قاتارلىقلارنى چوقۇم ئايرىم ئىشلىتىش
كېرەك.
ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن مونچىغا ۋە ئوبىرنىنى ئورتاق
ئىشلىتىش بىخەتەرمۇ؟
ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن بىر مونچىغا
چۈشۈش، بىر ئوبىرنىنى ئورتاق ئىشلىتىش خەتەرلىك ئەمەس. ئەگەر ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى
بىلەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ قېنى ۋە جىنسىي بەز سۇيۇقلۇقلىرى بىلەن بىۋاسىتە قويۇق ئالاقىلاشسىڭىز،
ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى سىزگە يۇقىشى مۈمكىن.
يۆتەل ۋە چۈشكۈرۈش ئارقىلىق ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى يۇقامدۇ؟
زۇكام قاتارلىق بەزى كېسەللىكلەر يۆتەل ۋە چۈشكىرىش ئارقىلىق
تارقايدىغان بولسىمۇ، بىراق ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى ئۇ يوللار ئارقىلىق تارقىمايدۇ.
پاشا ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسىنى تارقىتامدۇ؟
پاشا ۋىرۇستىن كىلىپ چىققان بىر قىسىم كىسەللىكلەرنىڭ تاقىلىشىدا
ناھەيتى موھىم رول ئوينىسىمۇ بىراق تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا ئەيدىز
كىسىلى ۋىرۇسى پاشا ۋە باشقا ھاشارەتلەرنىڭ چېقىشى ئارقىلىق يۇقمايدۇ.
ئەيدىز كىسىلىگە قانداق دىياگۇنۇز قويىلىدۇ؟
ھازىر ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ۋە ياكى يۇقۇملانمىغانلىىقىغا،
ۋە ئەيدىز كىسىلىگە دىياگۇنۇز قويۇش بۇرۇنقىغا نىسبەتەن كۆپ ئادىلاشقان بولۇپ، ھازىر
كىشىلەر ھەتتا ئۆيدىمۇ بۇ جەھەتتە تەكشۈرۇش ئىلىپ بارىپ، ئۆزىگە ئۆزى دىياگۇنۇز
قويالايدۇ.
ئەيدىز كىسىلىنى تەكشۈرۈشتە ئاسالىقى قاندىكى ئەيدىز ۋىرۇس سانى،
ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتىگىنى، ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى ئانتىبودىي ۋە CD4 ھۈجەيرە سانى
تەكشۈرلىدۇ.
قاندىكى CD4 ھۈجەيرە سانى نورمالدا 400 بىلەن 1600 ئارىسىدا بولۇپ،
ئادەم ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندا، ۋىرۇس CD4 ھۈجەيرەسىنى ۋەيران
قىلىدۇ، نەتىجىدە ئۇنىڭ سانى كىسەلنىڭ ئىغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ تۆۋەنلەپ ماڭىدۇ.
ئەيدىز كىسىلىنىڭ ھازىرقى داۋالاش ئەھۋالى
ئەيدىز
كىسىلىنى ھازىر مەۋجۇت بولىۋاتقان دورىلارنىڭ بىر نەچچە خىلى بىلەن ئۇزلۇكسىز
داۋالاش ئىلىپ بىرىش ئارقىلىق قاندىكى ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسىنى توۋەنلەتكى ھەتتە
تامامەن يوقاتقىلى، باشقىلارغا يۇقتۇرۇش ئىھتىماللىقىنى تۆۋەنلەتكىلى ۋە بىمارلارنىڭ ئومۇرىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ. بىراق ئەگەر داۋالاش توختاپ قالسا بىر مەزگىلدىن
كىيىن ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى يەنە قايتىپ كىلىشى مۈمكىن. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى
ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى ئاساسلىقى لىمفا ھۇجەيرىسى ۋە باشقا ئىمىيۇنۇت ھۇجەيلىرى
ئىچىدە ياشاپ ۋە ئۇ يەردە كوپەيگەنلىگى ئۈچۈن، قاندىكى ۋىرۇسلار دورا ئارقىلىق
ئولتۇرۇلگەن تەقدىردىمۇ، داۋالاش توختاپ بىر مەزگىل ئوتكەندىن كىيىن ئۇ ھۇجەيرەلەر
ئىچىدە ساقلىنىپ قالغان ۋە پۇرسەت كۈتۈپ ياتقان ۋىرۇسلار كوپىيىپ قايتا قانغا
كىرىدۇ. ھازىر ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ئىچىدە ئۈزلۈكسىز
داۋالىنىش ئارقىلىق 20 يىلدىن ئارتۇق ئومۇر كورگەنلەر ئاز ئەمەس. لىكىن
ھازىر ئەيدىز كىسىلىنى داۋالاشتا ئۈنۈملۈك دەپ قارالغان كۆپۈنچە دورىلار خىلىلىلا
قىممەت بولغىنى ئۈچۈن كۆپ ساندىكى ئەيدىز بىمارلىرى ئۈنۈملۈك داۋالاش پۇرسىتىگە
ئىگە بولالماي، ھاياتىدىن ئايرىلماقتا. شۇڭا ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئىلىش
يەنىلا بەك موھىم.
بىرىنجى
دىكابىر "دۇنيا ئەيدز كۈنى" گە ئاتايمەن


No comments:
Post a Comment